مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2020- يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2020.01.20 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020- يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنى 19- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. جايلار ۋە تارماقلار «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇردى، نەتىجىدە، بىز تەيۋەن خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ