مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرىسىدا

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

لى كېچياڭ ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2020.01.19 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن جۇڭگو- ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام بولسا، تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولغان ۋە چىش بىلەن كالپۇكتەك بىر-بىرىگە تايىنىدىغان سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەردىندۇر، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق چېچەكلەپ مېۋە بەردى ھەمدە «ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىناق قوشنىدارچىلىقتا ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش»تەك فاڭجېننىڭ ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» بولۇش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېز تەرەققىي قىلدى. مەن يولداش رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئىككى قېتىم تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەت قىلىشتا بولدۇم، بىز يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق.»

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ بىلەنمۇ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ۋېيتنام بىلەن بىرلىكتە، دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈچ لىنىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك پىكىر يولى بويىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقىشنى خالايدۇ. رۇەن چۈنفۇمۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ