شى جىنپىڭ بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسەن سۇكى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020.01.19 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 18- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن نېپىتۇدا بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسەن سۇكى بىلەن رەسمىي سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى چوڭقۇر. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن بېرما دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم بىز جۇڭگو-بېرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى قارار قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتۇق. بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن بىرما مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ