مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ۋە مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتېر «2020 ___ جۇڭگو مالايسىيا مەدەنىيەت ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2020.01.20 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2020 ___ جۇڭگو-مالايسىيا مەدەنىيەت ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتېر ئايرىم-ئايرىم ھالدا باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئايرىپ تۇرىدىغان قوشنا بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ئاشقان. جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې يەتتە قېتىم غەرب ئەللىرىگە سەپەرگە چىققاندا، ئىلگىرى بەش قېتىم مالاككا بوغۇزىدا زىيارەتتە بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق بىلەن قويۇق رىشتە ئورنىتىپ، جۇڭگو-مالايسىيا ئالاقىسى تارىخىدا داستانغا ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت قوش تەرەپ قاتلىمى ۋە جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە قويۇق ھەمكارلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى داستانىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، جۇڭگو-مالايسىيا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەلرايى ۋە جەمئىيەت ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ