شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى

2020.01.19 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىرمىغا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى، شۇنداقلا يېڭى يىل باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىم بولۇپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو-بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە قانداق داۋالغۇش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرىدا زىچ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا قوللاشتەك توغرا يولغا قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى چوقۇم ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا بالدۇرراق نەتىجە ھاسىل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە خەلقنىڭ ماس ھەمكارلىقىغا موھتاج، شۇنداقلا يەنە ئىككى ئارمىيەنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش سىلىڭ ۋە بىرما ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ