مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش لازىم

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2020.01.21 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق نۇرغۇن رايونلاردا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلدى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 18 گىچە، دۆلەت ئىچىدە دوكلات قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى جەمئىي 224 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دىياگنوز قويۇلغانلار 217 نەپەر (ۋۇخەن شەھىرىدە 198 نەپەر، بېيجىڭ شەھىرىدە بەش نەپەر، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 14 نەپەر)؛ گۇمانىي كېسەللىك بىمارى يەتتە نەپەر (سىچۇەن ئۆلكىسىدە ئىككى نەپەر، يۈننەن ئۆلكىسىدە بىر نەپەر، شاڭخەي شەھىرىدە ئىككى نەپەر، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا بىر نەپەر، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە بىر نەپەر). ياپونىيەدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كېسەللىك بىمارى بىر نەپەر، تايلاندتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كېسەللىك بىمارى ئىككى نەپەر، كورېيەدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كېسەللىك بىمارى بىر نەپەر بولدى.

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى: خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەردى، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىر چاغان مەزگىلىدە، خادىملار كەڭ دائىرىدە زىچ يۆتكىلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. بىمارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىش سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى خاتىرجەم، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇنداق تەستىق سالدى: ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش ۋە مەركەزلىك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ۋىرۇس مەنبەسى ۋە يۇقۇملىنىش، تارقىلىش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تېزلىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ ئېلان قىلىپ، يۇقۇم مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئىلمىي تەشۋىق قىلىش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ياخشى ئىشلەپ، زىچ ھەمكارلىشىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ