مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

2020.01.23 11:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان ھارپىسىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، جۇ روڭجى، لى رۈيخۈەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سوڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخوڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، جياڭ چۈنيۈن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۈي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندوڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلوڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يوڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خوڭجۇ، ۋاڭ بىڭچيەن، زو جياخۇا، پېڭ پېييۈن، جۇ گۇاڭجاۋ، ساۋ جى، لى تيېيىڭ، خې لۇلى، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، شېڭ خۇارېن، لۇ يوڭشياڭ، ئويۇن چىمىگ، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جۇ تيېنوڭ، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈەنچى، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، جاڭ باۋۋېن، تاڭ جياشۈەن، لياڭ گۇاڭليې، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۈەن، خەن شۇبىن، جيا چۈنۋاڭ، رېن جېيەنشىن، سوڭ جيەن، چيەن جېڭيىڭ، خۇ چىلى، ۋاڭ جوڭيۈ، لى گۈيشيەن، جاڭ سىلياۋ، جاڭ كېخۈي، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۈەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۈي، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ روڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتوڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زوڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جياۋرۈي، چى شۈچۈن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمېي قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى ئايرىم-ئايرىم يوقلاپ ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلىپ، پېشقەدەم يولداشلاردىن چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى. پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغاننى خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈشى، ساغلام بولۇشى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە چىن قەلبىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇتلەق ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ