مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاشخانىغا يوشۇرۇنغان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىشكە بولدى بەس!

2020.01.20 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  يىل بېشىدا، مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا، بەزى ئورگان، دۆلەت كارخانىلىرى ئورۇنلىرىنىڭ ئاشخانىسىدا يەنىلا ھەشەمەتلىك ئايرىمخانا بارلىقىنى بايقىدى. ئاشخانىغا مۆكۈۋېلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش بەزى ئورۇنلارنىڭ «تۆت ئىستىل»غا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە خاتا ئۇسۇل قوللانغانلىقى، ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئاشخانىغا كىرىۋېلىپ ئوغرىلىقچە يېيىش، غىپپىدە ئىچىش − قارىماققا «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە «يۇقىرىدىن سىياسەت چۈشسە، تۆۋەندە تەدبىر بولۇش»، ئىدىيە پۇختا بولماسلىق، پارتىيەۋىلىكى ئاجىز بولۇشنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  چاغان كېلەي دەپ قالدى، ئىستىل دۇرۇس بولۇش، توغرا كەيپىيات مۇھىتى يارىتىش تېخىمۇ مۇھىم. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك دېلونى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ، يېقىندا شېنجېندىكى بىر دۆلەت كارخانىسىنىڭ 160 مىڭ يۈەنلىك ماۋتەي ھارىقىنى ئىچىۋەتكىنىگە قەدەر، بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى «تۆت ئىستىل» مەسىلىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قارىماققا قائىدە- يوسۇنلۇقتەك بولۇۋېلىشى پەقەتلا ئىنتىزام يۇقىرى بېسىمىنىڭ «جۈرئەت قىلالماسلىق» ۋە تۈزۈم چەكلىمىسىنىڭ «ئامال قىلالماسلىق»ىدا توختاپ قالغان بولۇپ، «ئويلىماسلىق»تەك ئاڭلىقلىقنى يەنە مۇستەھكەملەش زۆرۈر.

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. «جۈرئەت قىلالماسلىق»، «ئامال قىلالماسلىق»تىن «ئويلىماسلىق»قا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ تۇتۇش، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىغا بولغان يۈكسەك ھېيىقىشقا تايىنىش لازىم. «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇشقا، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» نى چىڭ تۇتۇشقا، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، تىپىك دېلو مىساللىرىنى قاتتىق جازالاشقا تايىنىش كېرەك.

  ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىدىغان ئېغىزنى باشقۇرغاندىلا، ئاندىن پاك- دىيانەتلىك ياخشى نامنى تىكلىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ