مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش لازىم

2020.01.22 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى. ئەمدىلا يېپىلغان مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئۇزاققىچە ھۇجۇم قىلىپ يەڭگىلى بولمىغان دېلولارغا قارىتا، مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  قارا، رەزىل كۈچلەر جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، خەلق ئاممىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى خۇنەن خۇەيخۇا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى «تەنتەربىيە مەيدانىغا جەسەت كۆمۈش دېلوسى»دىكى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دۇ شاۋپىڭغا قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى.

  مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يۈننەندىكى سۈن شياۋگو دېلوسى، خۇنەندىكى «تەنتەربىيە مەيدانىغا جەسەت كۆمۈش دېلوسى»، خېيلوڭجياڭنىڭ خۇلەندىكى «تۆت چوڭ جەمەت» قارا جەمئىيەتكە چېتىلىش دېلوسى، خەينەن چاڭجياڭدىكى خۇاڭ خۇڭفا جەمەتىنىڭ قارا جەمئىيەتكە چېتىلىش دېلوسى قاتارلىق بىر تۈركۈم جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دېلولار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، جەئىيەتكە زىيان يەتكۈزگەن نۇرغۇن كەنت زومىگىرى، يول زومىگىرى، «قۇم زومىگىرى»، «تىرانسپورت زومىگىرى» قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن قانۇن بويىچە جازالاندى، بىر قىسىم قارا گۇرۇھلار، رەزىل كۈچلەر ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى. مەخسۇس كۈرەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلارغا چېتىشلىق جىنايەت تەشكىلاتىدىن 2949 ى، رەزىللىككە چېتىشلىق جىنايەت گۇرۇھىدىن 9536 سى بىتچىت قىلىندى. 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» دېلوسىدىن 51 مىڭ 734ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 61 مىڭ 227 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى، 6837 ئادەم ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  تىنچ، تەرتىپلىك، ئادىل، ھەققانىي ئىجتىمائىي مۇھىت بولغاندىلا، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدۇ. بازاردا زومىگەرلىك قىلغان «يەرلىك چوڭام»، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان «كەنت زومىگىرى»، كوللېكتىپ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان «سېمىز چاشقان»لار ئارقا- ئارقىدىن تورغا چۈشۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ساپلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «قارا كۈچلەر يوقىتىلدى، ئامما پوجاڭزا ئېتىپ تەبرىكلىدى» دېگەندەك خەۋەرلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى، بۇ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەۋرەنمەس ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  بۇ يىل مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق يىل. بۇ ھەققانىي جەڭدە غەلىبە قىلىشتا يەنە نۇرغۇن «قىيىن مەسىلە»لەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى قارا كۈچلەر «قوغدىنىش بويىقى» سۈركەپ، «يوشۇرۇنۇش كىيىمى» كىيىۋالغان بولۇپ، تېخىمۇ يوشۇرۇنۇش ۋە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇۋالدى؛ بەزى قارا، رەزىل ئۇنسۇرلار «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى تۇتۇپ، «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئېسىلىۋالغان بولۇپ، تۈرلۈك قانۇنسىز مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن؛ بەزى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەر پەيدا بولۇش، يامراپ كېتىش ھادىسىلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ...

  رېئال مەسىلىلەرگە ۋە ئاممىنىڭ ئۈمىدىگە يۈزلەنگەندە، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىشتە ئارام ئېلىش ئويىدا بولۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، بەلكى «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يولۋاس بار تاغقا چىقىش»تەك جاسارەت، «غەلىبە قىلمىغۇچە قايتماسلىقتەك» غەيرەت بىلەن قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، كۈرەشتە تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم چوڭقۇر قېزىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «قىيىن دېلو»لارنى قەتئىي بېجىرىپ، «توسالغۇ بولغان دېلو» لارنى يۇلۇپ تاشلاش، ھەم سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر دېلونىڭ قانۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ھەم مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتتە ئىنكاس كۈچلۈك بولغان ساقايماس كېسەللەرنى داۋالاش، ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك دائىم تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، زەربە بېرىش، تۈزەش، باشقۇرۇش، بەرپا قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ قۇياش نۇرى بىلەن كەڭ زېمىننى يورۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ