مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئېھتىياجى بىلەن خىزمەتلەرنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بازارنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، خۇبېينىڭ نۇقتىلىق رايونلىرىغا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.02.03 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 2- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە خىزمەتنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چاغاندىن كېيىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، جامائەت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان باشقا مۇھىم كارخانىلار، چوڭ قۇرۇلۇش خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا كەسىپلەر خىزمەتلەرنى جانلىق ئۇسۇل بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىغا قوشۇلدى. بۇ، چاغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشىدىن ساقلىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. شارائىت ھازىرلىغان كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوخشاش بولمىغان خىزمەتلەرنى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلارغا سۈرۈپ كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرپ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئىشقا بېرىشقا تەشكىللەش ۋە ئۆيدە تور ئارقىلىق ئىش بېجىرىشكە يېتەكلەش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىنى چوقۇم خىزمەت سەپىرىگە چىقىشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا يېتەكلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك ئىش ئورنىغا بېرىشقا تەشكىللەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلارنى مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆز رايونلىرىنىڭ دورا، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئەھۋالىنى ۋاقتىدا توغرا ئىگىلەپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىشلارنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق، ياغ ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش ھەمدە ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېزدىن تەشكىللەپ، مۇھىم ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېشىل يولىنى بەرپا قىلىپ، توك، كۆمۈر، ئاشلىق ۋە كۆكتات قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ ۋە شەھەر رايونىدىكى ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا، سودا بازارلىرى، تاللا بازىرى، دۇكان، مەھەللە تەمىنلەش نۇقتىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ۋاقتىدا مال تولۇقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ