مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەھەللىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»كە بولمايدۇ

2020.02.04 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  ئەلپازى يامانلاشقان يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ‐‐ يەنىلا نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇۋاتقان مەھەللىلەرمۇ جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللاندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى، لېكىن بەزى مەسىلىلەرمۇ ئاشكارىلاندى. مەسىلەن، بەزى مەھەللىلەر ئاھالىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندا «بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزگەردى»، بىردەم كىملىك تەلەپ قىلسا، بىردەم باشقا ئىسپات تەلەپ قىلىپ، سىرتقا چىققان ئاھالىلەرنىڭ قايتىپ كىرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ بەزى مەھەللىلەر سىرتتىن كەلگەن ئىجارە ئالغۇچىلارغا قارىتا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى بىردەك ئىشىك سىرتىدا توسۇپ قويدى.

  قارىماققا، بۇ مەھەللىلەر گەرچە خادىملارنىڭ كىرىپ چىقىشىغا قارىتا قاتتىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كونكرېت تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئويلاشمىدى، مۇناسىپ ئۇسۇللارمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەقسىتىگە خىلاپ، ھەتتا تەشۋىشلىنىش ۋە زىددىيەتنى بىھۇدە كۆپەيتىۋەتكەن بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇشقا پايدىسىز. بۇ بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ھەم ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ھەم زۆرۈر ئىجتىمائىي يۆتكىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ھەم قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، ھەم ئىنسانىي تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

  مەھەللە بىر چوڭ ئائىلە بولۇپ، ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ، دائىملىق ئاھالىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى نىسبەتەن مۇقىم، يەنە ۋاقىتلىق ئىجارە ئالغۇچىلىرىمۇ بار، بۇلارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى چوڭ؛ كىرىپ- چىقىدىغان خادىملارنىڭ ئېھتىياجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى ئىشقا بارىدىغان بولۇپ، ئەتىگىنى توققۇزدا ئىشقا چىقسا، كەچتە بەشتە ئىشتىن چۈشىدۇ، يەنە بەزىلىرى كۆكتات سېتىۋالغىلى بارىدىغان بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى ۋاقىتلىق سىرتقا چىقىپ ئىش بېجىرىدۇ. بۇ مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا قارىتا تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تۈرگە، دەرىجىگە، ئوبيېكتقا ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. بولۇپمۇ تەدرىجىي ئىش ئورنىغا قايتقان، تەدرىجىي شەھەرگە قايتقان خادىملارغا قارىتا باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «ئۆيى بار تۇرۇپ قايتالماسلىق» ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش كېرەك. ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىلەرگە چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان چارە بىلەن ھەل قىلىشى، بۇيرۇق چۈشۈرۈپلا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ئايرىۋەتمەسلىكى كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۆۋەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش بولۇپ، ئىلمىي، تەرتىپلىك تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلام خىزمىتى مۇرەككەپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» شەكلىدىكى ئاددىي تەپەككۇر بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە كاپالەتلىك قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىنچىكە، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن كىشىلەر قەلبىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئاممىۋى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ