مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

يىغىندا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە تۈزەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.02.06 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردىن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە تۈزەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

  نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھىم مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، قانۇن بويىچە ئىلمىي ۋە تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانچە قىيىن بولسا، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى بويىچە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى ۋە مەمۇرىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5- فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەركەزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھالقىلار بويىچە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە تۈزەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى»، «قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»، «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»، «مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مۇھىم مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، قانۇن بويىچە ئىلمىي ۋە تەرتىپلىك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانچە قىيىن بولسا، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە تۈزەش يولىدا تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ