مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش

ماسكىنى قانداق تاقىسا توغرا بولىدۇ؟ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەۋسىيەسى

2020.02.05 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 3-فېۋرال يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى سوئال-جاۋاب ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قانداق قىلغاندا ماسكىنى توغرا تاقىغانلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئېلان قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەڭ يېڭى سوئال-جاۋابتا، ماسكىنىڭ بەزى نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىك تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا ماسكىنىڭ ئادەمدە ئاسانلا مەلۇم خىل «ساختا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى» پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ باشقا ئوخشاش مۇھىم بولغان ئاساسىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىگە سەل قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇنىڭغا قارىتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەقەت ماسكا تاقاش بىلەنلا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەس، يەنە توغرا بولغان قول يۇيۇش ھەم باشقىلار بىلەن ئىمكانقەدەر بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماسكىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش لازىم، زۆرۈر بولمىغان بايلىق ئىسراپچىلىقى ۋە ماسكىنى خاتا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماسكىنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ماسكىنى توغرا ئىشلەتمەسلىك ۋە بىر تەرەپ قىلماسلىق سەۋەبىدىن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان ماسكىنى توغرا ئىشلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەزى كونكرېت تەكلىپلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. ماسكا تاقاشتىن بۇرۇن، ئىسپىرت تەركىبلىك قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن بىلەن قول يۇيۇڭ؛

  2. ماسكا بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ھىم ئېتىپ، يۈز قىسمى بىلەن ماسكىنىڭ گىرۋىكى ئارىسىدىكى يوچۇقنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك؛

  3. قولنىڭ ماسكا يۈزىگە تېگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر چوقۇم تېگىپ كېتىشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئىسپىرت تەركىبلىك قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن بىلەن قول يۇيۇش كېرەك؛

  4. ماسكا نەملىشىپ قالغان ھامان دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك؛

  5. بىر قېتىملىق ماسكىنى تەكرار ئىشلەتمەسلىك كېرەك؛

  6. ماسكىنى ئېلىۋېتىشتە ئىككى ئۇچىدىكى بېغىدىن تۇتۇش لازىم، ماسكىنىڭ ئالدى قىسمىنى قول بىلەن تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

  7. ماسكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، دەرھال ھىم ئېتىلگەن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىش لازىم، ھەمدە ئىسپىرت تەركىبى بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن بىلەن قول يۇيۇش كېرەك؛

  8. ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىنىش ئۈچۈن نەچچە ماسكىنى قوشلاپ تاقىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق؛

  9. ھەرقانداق ئەھۋالدا لاتا ماسكا (مەسىلەن، پاختا رەخت ياكى داكا ماسكا) تاقاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ