مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە داۋالاش، ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇملىنىش، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش بايلىقى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.02.05 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 3- فېۋرال، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى يەنىلا مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم جاي، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يىغىۋېلىش، داۋالاش نىسبىتى ۋە ساقىيىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. كارىۋات بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم مېھمانساراي، مەيدان-ساراي، تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىقلارنى گۇمانىي كېسەل، يېنىك كېسەللەرنى ياكى مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا ياكى يېقىندىن ئۇچراشقان بىمارلارنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىپ، قىسمەن 3-دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنى نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرخانىغا ئۆزگەرتىش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر تۈركۈم بۆلۈمچە دوختۇرخانىلارنى يۆتكەپ، يەنە 2000 داۋالاش خادىمى كۆپەيتىپ خۇبېيغا ياردەم بېرىش، بۈگۈن كەچتىلا ھازىرلاش لازىم. ئۈستۈنلۈك ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش دوختۇرخانىسى ياكى كېسەل رايونىنى پۈتۈن تەشكىلىي تۈزۈلۈشى بويىچە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق سەپلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ تۇنجى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك. داۋالاش خادىملىرىنىڭ نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش، ئېنىق دىياگنوز قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، مەملىكەت بويىچە كېسەللىكنى كونترول قىلىش سىستېمىسىدىن تەكشۈرۈش كۈچىنى يۆتكەپ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش، شەرتكە چۈشىدىغان ئۈچىنچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش كېرەك. دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق ئۈنۈملۈك داۋالاش تەدبىرلىرىنى دىياگنوز قويۇش، داۋالاش قائىدىسىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ