مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئالاقىدار ساھە، كارخانىلارنى قوللاشتىكى مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى بېكىتىلدى

2020.02.06 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئالاقىدار ساھەلەردىكى كارخانىلارنى قوللاشتىكى مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمى ھەيدەكچىلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە تىرىشىپ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچىدىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى يىغىپ خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالاش خادىملىرى ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىرقى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى تولۇق باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مەبلەغ، سالاھىيەت، ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ۋە خام ئەشيا- ماتېرىيال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا قىس بولغان نۇقتىلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش كېرەك. جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. كارخانىلار ئارتۇق ئىشلەپچىقارغان نۇقتىلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت كاپالەتلەندۈرۈپ سېتىۋېلىپ ساقلاش لازىم. ئىككىنچىدىن، يەرلىكنىڭ تۇنجى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «كۆك-تاق» مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆكتات ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پائال تەشكىللەپ، ئالاقىدار يەم-خەشەك، سويۇش، پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئامباردا ساقلانغان كۆممىقوناقنى تارقىتىپ، باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، گۆش، تۇخۇم، سۈت بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، قاتناش-تىرانسپورت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چازا قۇرۇپ قاتناشنى توسۇش، قاتناشنى ئۈزۈۋېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «كۆك-تاق» مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى توختاتماسلىق، تەكشۈرمەسلىك، ھەق ئالماسلىق ۋە ئاۋۋال يول يۈرۈشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ