مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزى پايدا ئالمىسىمۇ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈدىغان بۇ خىل قىلمىشنى چوقۇم قاتتىق جازالاش كېرەك

2020.02.06 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-فېۋرال، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ۋېيفاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كۇيۋېن شۆبە ئىدارىسى ساياھەت تارىخى ۋە ئۇچرىشىش تارىخىنى قەستەن يوشۇرغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنى قانۇن بويىچە تەھقىقلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھەرگىزمۇ ئايرىم دېلو ئەمەس. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەپىرىنى يۇشۇرغان ھەمدە ئۆزىنى ئايرىۋەتمىگەن، باشقىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقان نۇرغۇن دېلو مىساللىرى ئېلان قىلىندى.

  نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، سەپىرىنى يوشۇرۇش، ئايرىۋېتىش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلماسلىق قىلمىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، شۇنداقلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ئۆزىگە مەسئۇل بولمىغانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، ئۆزىگە پايدىسى تەگمەيدىغان باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىدۇر. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەننەرخى، سەرپ قىلىنغان جامائەت بايلىقى، كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاممىۋىي ساراسىمىنى مۆلچەرلەش تېخىمۇ تەس بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  يۇقۇم ئەھۋالىنى ھەرقانداق شەكىلدە يوشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىش، يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە چاقچاق قىلغانلىق بولىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەر بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بەختى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر ئادەم تەلەي سىناش پىسخىكىسىدە بولماي، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەمىمىي بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، بوشاڭلىق قىلمىغاندىلا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىگىلى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  بۇ دېلو مىساللىرى بىزگە يەنە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق، دەل جايىدا، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ