مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.02.07 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئىلمىي، كۈچلۈك ۋە تەرتىپلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىش كېرەك. نۆۋەتتە، كۈچنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرىدىن ئىبارەت بۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، يىغىش ۋە داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋۇخەن شەھىرىگە قارىتا داۋاملىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارىۋات تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، تاشقى ياردەم كۈچىنى يۆتكەپ، شۇ جاينىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تىبىي خادىملىرىنى يەنە كۆپەيتىشىمىز كېرەك؛ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى باشقا رايونلارغا قارىتا، ھازىرقى نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش، يېڭىدىن مەخۇسۇس دوختۇرخانا قۇرۇش، مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىلىرى تەسىس قىلغاندا، شۇ نۇقتىلارنىڭ كارىۋات بىلەن تەمىنلىشىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ھەمدە ئۆز جايىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئالاقىدار شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ داۋالاش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە، نۇقتىلىق داۋالاش ئورۇنلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ