مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سالىغا خەت ئەۋەتتى

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2020.02.06 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 2- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ زۇڭتۇڭى سالىغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سېنېگال بىلەن بىرلىكتە مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مۇنبەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مەزكۇر مۇنبەرنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىكى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ سېنېگالنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ئۇنىڭغا زەربە بېرىش كۈرىشى پەيتىدە سالام خەت يوللاپ ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ يەنە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز، بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، دەپ تەكىتلىدى.

  بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، سال رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ چاغان ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە جۇڭگو خەلقىدىن ھال سورىدى ھەم شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قوللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ