مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆيلەرنى ئىسپىرت بىلەن قانداق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؟

2020.02.10 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  ■ ئوت مەنبەسىدىن ساقلىنىش، ئاشخانا قاتارلىق ئوت، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۈسكۈنە بار جايدا ئىشلەتمەسلىك، ئىسپىرت پۈركۈگەندە تاماكا چەكمەسلىك لازىم؛

  ■ نىسپىي ھىم بولغان بىر قەدەر كىچىك بوشلۇق ئىچىدە كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت ھورى ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم؛

  ■ كۆپ مىقداردا ساقلاشقا بولمايدۇ، ئوچاق بېشى، پار قاتارلىق ئىسسىقلىق مەنبەسىگە يېقىن جايغا قويۇشتىن، يەنە قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئىسپىرت ئىشلىتىپ، ئۆيىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. يېقىندا، توردا ۋۇخەننىڭ مەلۇم ئولتۇراق رايونىدا يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت بىلەن ئۆي ئىچىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش سەۋەبلىك ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققانلىقى تارقالغان بولۇپ، ئىشتىن كېيىن رەددىيە بېرىلدى. ئۇنداقتا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان %75 لىك ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش زادى ئوت ئاپىتى پەيدا قىلامدۇ-يوق؟ قانداق قىلغاندا توغرا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

  يېقىندا، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سالونى «جۇڭگو ئوت ئۆچۈرۈش»تە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، تەجرىبە نەتىجىسى ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىلدى: ئائىلىدە ئاز مىقداردىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، لېكىن يەنىلا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.

  تەجرىبىدە، ئائىلىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان %75لىك ئىسپىرىت پۈركۈيدىغان ئۈسكۈنىلەر، جۈملىدىن كىچىك تىپتىكى پۈركۈش قۇتىسى (پۈركۈش مىقدارى ئاز)، چەينەكسىمان پۈركۈگۈچ (پۈركۈش مىقدارى ئوتتۇراھال) ۋە ھاۋا بېسىملىق پۈركۈگۈچ (پۈركۈش مىقدارى كۆپ) ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا توكلۇق ئوت كالتىكى ۋە كۆۈۋاتقان ئوتقا پۈركۈپ سىناق قىلىنغان، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپىرت پۈركۈش مىقدارى كۆپرەك بولغاندا، كۆيۈۋاتقان ئوتقا يولۇققاندا پارتلاش يۈز بېرىدۇ، باشقا ئەھۋاللاردا كۆيۈش ۋە پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسپىرت ھورىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى شەرت ھازىرلىنىش كېرەك ئىكەن: بىرى، نىسپىي يېپىق مۇھىت ياكى بىرقەدەر يۇقىرى ئىسپىرتلىق قويۇقلۇققا ئىگە بولۇش؛ ئىككىنچى، بىر قەدەر چوڭ كۆيدۈرۈش ئېنېرگىيەسى ياكى بىر قەدەر يۇقىرى تېمپېراتۇرا.

  تەجرىبىدىن قارىغاندا، ئائىلىدە %75 لىك تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، ئىمارەتنىڭ ئۆي ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ بوشلۇق بولغان ھەمدە دېرىزە ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تام، ئىشىك تۇتقۇچى، يەر يۈزى، ئاياغ چەمىگە ئاز مىقداردا پۈركۈگەندە، ئىسپىرت پارى ئاسانلا ئۆي ئىچىنىڭ پۈتۈن بوشلۇقىغا تارقىلىپ، پارنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەن بولىدۇ، كۆيۈۋاتقان ئوتتىن ساقلانسىلا، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولمايدۇ.

  لېكىن ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يەنىلا ئاز ساندىكى ئەھۋاللار مەۋجۇت، مەسىلەن، ئۆزىگە كۆپ مىقداردا چېچىش، تىبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان چوڭ چېلەكلىك ئىسپىرت بىلەن يەر سۈرتۈش ياكى چوڭ چەينەكسىمان پۈركۈگۈچنى ئىشلىتىپ، نىسبەتەن ھىم ئېتىلگەن كىچىك بوشلۇقتا تەكرار-تەكرار پۈركۈش قاتارلىقلار بىر قەدەر يۇقىرى ئىسپىرت قويۇقلۇقىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئوت ياكى باشقا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك مەنبەگە يولۇققاندا، ئوت ئاپىتى ياكى پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ.

  شۇڭا، %75 لىك تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتنى ئىشلىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، پىتنە-پاساتتا دېيىلگەن خەتىرىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا قارىغۇلارچە كۆپ مىقداردا پۈركۈشكە بولمايدۇ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ماقالىدە مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: بىرىنچى، كۆيۈۋاتقان ئوتتىن يىراقلىشىش، ئاشخانا قاتارلىق ئوت، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۈسكۈنىلىرى بار جايلاردا ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلماسلىق، ئىسپىرت چېچىش بىلەن بىرگە تاماكا چەكمەسلىك؛ ئىككىنچى، نىسپىي ھىم بولغان كىچىكرەك بوشلۇقتا كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت ھورى ھاسىل بولۇپ، ئوت ئاپىتى ياكى پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئۈچىنچى، كۆپ مىقداردا ساقلىماسلىق، قويۇپ قويغاندا ئوچاققا يېقىن قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ