مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش: دېزىنفېكسىيە ھەققىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى

2020.02.11 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئۆزىنىڭ خەنزۇچە تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىسپىرت، خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، لېكىن چوقۇم ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  «ئۈزۈل-كېسىل» دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈچۈن، بەزىلەر پۈتۈن بەدەنگە ئىسپىرت پۈركۈشنى تاللىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پۈتۈن بەدەنگە ئىسپىرت ياكى خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى چېچىشنىڭ بەدەنگە كىرىپ بولغان ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل ماددىلارنى چېچىشنىڭ كىيىم-كېچەك ياكى ئېغىز، بۇرۇن، كۆز قاتارلىقلاردىكى شىللىق پەردىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىسپىرت ۋە خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

  ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قول قۇرۇتقۇچ 30 سېكۇنت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، دېگەن گەپلەر تارقالغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنىڭغا قارىتا رەددىيە بېرىپ، قول قۇرۇتقۇچ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دائىم تەركىبىدە ئىسپىرت بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش ياكى سوپۇن ۋە سۇ بىلەن قول يۇيۇش ھەمدە پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قەغەز بىلەن تولۇق ئېرتىپ قۇرۇتۇش ياكى ئىللىق شاماللىق قول قۇرۇتقۇچ بىلەن تولۇق قۇرۇتۇش كېرەك.

  ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق لامپۇچكىنى قول ياكى باشقا تېرە قىسىملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق رادىئاتسىيە تېرىگە رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن.

  دېزىنفېكسىيە قىلىشتىكى خاتا قاراشلاردىن باشقا، توردا يەنە ئاممىنى خاتا يېتەكلەيدىغان يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش «رېتسىپ»لىرى پەيدا بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سامساق يېيىش، فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇش، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش ياكى بۇرۇن بوشلۇقىغا كۈنجۈت مېيى تېمىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە پاكىت يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ