خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ 9- فېۋرال جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېسەل قوزغاتقۇچ بىئولوگىيەسى تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ھەمدە 1- سەپتىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن ھال سورىدى.
جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پەن تەتقىقاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچلۈك ھالدا قانات يايدۇرۇلماقتا. بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنى مەركەزلىك يىغىپ داۋالاش، گۇمانىي بىمارلار ۋە قىزىتمىلىق بىمارلارنى، ھەمدە زىچ ئۇچراشقانلارنى مەركەزلىك ئايرىش ۋە كۆزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، بىز ھەم ئومۇمىي خەلقنىڭ ھەرىكىتىگە، ھەمدە پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولىغا موھتاجمىز. ئەڭ كۈچلۈك پەن تەتقىقات كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئەڭ جىددىي رەۋىشتە ھەل قىلىپ، يۇقۇمغا ئىلمىي ۋە دەل جايىدا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ