مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋ سۆز قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

ماسكىنى توغرا تاقاپ، ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك

2020.02.11 18:21 مەنبە: خەلق تورى

   ئائېروزول (يەنى "نەپەستىن چىققان چاچراندىلار") ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ئەمەس، ئۇنىڭ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىغا بولغان تەسىرى يەنىلا چەكلىك.

  ئادەتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىدا ماسكىنى توغرا تاقىسا، ئۆزىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ. 

  ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بەلگىلىك ۋاقىتتا دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  ئائېروزول ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس تارقىلامدۇ؟ جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۇنيوۋ مۇنداق دېدى: نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئائېروزول ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى بار، لېكىن، ئۇنىڭ تارقىلىشقا بولغان تەسىرى چەكلىك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئومۇمىي تارقىلىش ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئائېروزولنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولىدۇر، دەيدىغان پىكىرنى قوللايدىغان ئىسپاتنىڭ بارلىقىنى بىز تېخى كۆرمىدۇق.

  ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلىش دېگىنىمىز، نەپەستىن چىققان چاچراندىلارنىڭ ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈش جەريانىدا سۇدىن ئايرىلىپ قېلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان ئاقسىل ۋە پاتوگېنلاردىن تەركىب تاپقان تۈگۈنچىلەرنىڭ چاچراندىلار تۈگۈنچىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشى بىلەن، ئائېروزول شەكلى ئارقىلىق يىراقلارغا لەيلەپ بېرىپ، يىراق ئارىلىقتىن تارقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ۋۇ زۇنيوۋ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مەتىقىلىق يەكۈن چىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە قارىغاندا، چاچراندىلار ئارقىلىق تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەۋجۇتتۇر، دېيىشكە بولىدۇ، دېمەك، يۇقۇمنىڭ ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلىش ئېھتىماللىقى ئازدۇر-كۆپتۇر مەۋجۇتتۇر. ئەمما، ئائېروزولنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق ئىسپات ھازىرچە كەمچىل.

  ۋۇ زۈنيوۋنىڭ قارىشىچە، يۇقۇمنىڭ گەرچە ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلىش شەكلى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇ، «غەيرىي-ئاساسىي ئېقىم»غا تەۋە. ناۋادا، يۇقۇمنىڭ ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلىشى ئۇنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يولدۇر، دېيىلسە، ئۇنداقتا، كىشىلەرنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكىدەك بىر خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشى كېرەك، يەنى نۇرغۇن كېسەللەردىكى يۇقۇمنىڭ ئېنىق مەنبەسىنى تېپىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، چۈنكى، ئائېروزول ئادەتتە نىسبىي ھالدا خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدىغان بولغاچقا، ناۋادا بىر ئادەم گەرچە بىر يۇقۇملانغۇچى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ھاۋادىكى لەيلىمە ئائېروزول بىلەن نەپەسلىنىشى تۈپەيلىدىن ئائېروزولنى شۇمۈرۈپ يۇقۇملانغان بولىدۇ.

  ئادەتتىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىدا، ماسكىنى توغرا تاقىسا، ئۆزىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ. ۋۇ زۇنيوۋ مۇنداق دېدى: چاچراندىلارنىڭ تارقىلىش ئارىلىقى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ، ھەمدە ھاۋادا ئۇزاق مۇددەت لەيلەپ تۇرىۋەرمەيدۇ. ئەگەر ھىم بوشلۇق ئىچىدىلا بولمىسا، پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئائېروزول كۆپۈكچىلىرى ۋاسىتىسى بىلەن ھاۋادا تارقالغان ۋىرۇسنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى دېرىزىلەرنى ئېچىپ بېرىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بولسا، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىردۇر. دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئۆي ئىچىنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

  ۋۇ زۈنيوۋ يەنە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: گەرچە ئائېروزول يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولمىسىمۇ، لېكىن، لېفىت ۋە ۋاگون قاتارلىق يېپىق مۇھىتلاردا تۇرغاندا چوقۇم ماسكا تاقاپ تۇرۇش كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ