شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋېتىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە تېخىمۇ قەيسەرانە ئىرادە بىلەن تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ خەلق جېڭى، ئومۇمىيۈلۈك جېڭى ۋە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك

2020.02.11 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10- چېسلا بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋېتىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە تېخىمۇ قەيسەرانە ئىرادە بىلەن تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ۋە يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ خەلق جېڭى، ئومۇمىييۈلۈك جېڭى ۋە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  10- چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، مەھەللە، دوختۇرخانا ۋە كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە خۇبېينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكىلەر بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشۈپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1- سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان تىبىي خادىملار ۋە كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ئەنجېن كوچىسى ئەنخۇالى مەھەللىسىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىنىڭ يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدا، شى جىنپىڭ ئەنجېن كوچىسى ۋە ئەنخۇالى مەھەللىسىدە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مەھەللىلەرنىڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق ئاممىنى نازارەت قىلىشتەك «ئىككىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللە يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشتىكى 1- سەپ، شۇنداقلا تاشقى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە لىنىيەسىدۇر. مەھەللىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى ساقلىغاندىلا، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش ۋە يامراش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تاقابىل تۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش كۈچىنى مەھەللىلەرگە قارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە مەھەللىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ