خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە كېلىشىۋالغىنى بويىچە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋىدودو بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، زۇڭتۇڭ ئەپەندى مەن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ سۈپىتىدە جۇڭگوغا بولغان دوستلۇقىنى ۋە جۇڭگونى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. مەن ھىندونېزىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە چۈشىنىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەردۇر، شۇڭا، قول تۇتۇشۇپ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ رولىنى نامايان قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاكارتا-باندوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ