مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش ۋە تەمىناتنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2020.02.13 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش ۋە تەمىناتنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنەسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. نۇقتىلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى تېز ئۆسۈپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنىڭ تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بولۇپ، كۆمۈر، توك، ماي، گاز قاتارلىق ئېنېرگىيەلەر بىلەن تەمىنلەش بىرقەدەر ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى. يۇقىرى پەللىدىن چەتنىتىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، چاغاندىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك قايتىشتىن ساقلاندى. ئالاقىدار تارماقلار كەلگۈسى بىر ھەپتىدە ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسىنىڭ كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ