مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

داۋالاش-ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشنى يەنىمۇ كۆپەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنى يۆتكەش ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.02.11 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 10- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۇش خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى داۋاملىق مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، « تۆتتە بالدۇر بولۇش» ۋە «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، يىغىۋېلىش-داۋالاش نىسبىتى ۋە ساقىيىش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ