مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەرىجىگە ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، داۋالاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دورا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىلمىي ھالدا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەلەپ قىلىندى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.02.14 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 13- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاج ۋىر ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى .

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونلارغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى خەلق جېڭى، ئومۇمىيەت جېڭى ۋە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خۇبېي ئۆلكىسىنى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرىنى داۋاملىق تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك. ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئايرىۋېتىپ كۆزىتىش رايونىنىڭ كارىۋات تەمىناتىنى كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تېزدىن كۆپەيتىپ، «تۆت خىل كىشىلەر»نى تۈرگە ئايرىپ يىغىپ ياكى ئايرىۋېتىپ كۆزىتىپ، قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كېسەللەر كۆپ بولغان شياۋگەن ۋە خۇاڭگاڭ قاتارلىق رايونلارغىمۇ ۋۇخەن شەھىرى بىلەن ئوخشاشلا تەكشۈرۈش، ئايرىۋېتىپ كۆزىتىش، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى دەرھال قوللىنىش كېرەك؛ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ باشقا ۋىلايەت-شەھەرلىرىمۇ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يىغىۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى يېڭىدىن كۆپەيگەن تېببىي خادىملارنىڭ ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، 19 ئۆلكىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، خۇبېي ئۆلكىسىدىن باشقا ۋىلايەت-شەھەرلەردىكى تېببىي خادىملارنى مۇۋاپىق تولۇقلايدۇ. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى ۋۇخەندىن ۋە خۇبېيدىن ئايرىلىش يوللىرىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاشقى جەھەتتە سىرتقا تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ