مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دېگەن بۇ ئۈچىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

2020.02.14 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تورلاردا، «مەن يېقىندىن بېرى قۇرۇق يۆتىلىۋاتىمەن، ئەجەبا مەن بۇ ۋىرۇسقا يۇقۇملىنىپ قالدىممۇ؟ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە قۇرۇق يۆتىلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دېگەن بۇ ئۈچىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ ئادەتتىكى زۇكام دېگەن نېمە؟ تارقىلىشچان زۇكام دېگەن نېمە؟ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يەنە قانداق ئالامەتلىرى بار؟» دېگەندەك سۇئاللار بىلەن تولغان ماقالىلەر توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇماقتا. مەسىلەن، بىراۋ ئۆزىنىڭ تېخى ھېلىلا زۇكاممۇ ئەمەس، تارقىلىشچان زۇكاممۇ ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى بىلگەن، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا غىدىقلاش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتەل پەيدا بولغان، يۆتەل ئېغىر بولغان چاغدا يەنە تېخى نەپەس قىسىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىشمۇ بولغان، ئۆز ئۆزىدىن قورقۇپ، مەن تۈگەشتىم، بۇ قېتىم مەن راستىنلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشۇم مۇمكىن، دەپ ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن. قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شۇنى دېمەكچىمىزكى، ئالاقزادە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ئىزچىل رەۋىشتە قۇرۇق يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشىمۇ ناتايىن. زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بار بىمارلاردىمۇ غىدىقلاش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتەل بولىدۇ، يۆتەل ئېغىرلاشقاندا ھەتتا نەپەس قىسىلىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ھازىر دەل قىش ۋە ئەتىياز ئالمىشىدىغان مەزگىل، زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بار بىمارلار مۇشۇ مەزگىلدە تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلگە دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە تۇرماقتا، يەنە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسمۇ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان بىر مەزگىل، ھەتتا قىسمەن جايلاردا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تارقىلىشى كەڭ كۆلەمدە بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن ساراسىمىلىك ۋە ۋەھىمىلەر پەيدا بولدى. مۇشۇنداق مەزگىلدە، ئەگەر سىز يېقىندىن بېرى ئىزچىل رەۋىشتە قۇرۇق يۆتىلىۋاتقان بولسىڭىز، سىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىڭىزنى ئۆيدە تۇرۇپ قانداق ھۆكۈم قىلىشىڭىز كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ!

  بىرىنچى، ھازىر پەيدا بولۇپ تۇرىۋاتقان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىق گۇمانىغا قارىتا ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: (1) يۇقۇم رايونىغا بارغان-بارمىغانلىقىنى ئەسلەش؛ 2. قىزىتما بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشقان-ئۇچراشمىغانلىقىنى ئەسلەش؛ 3. قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش.

  ئەگەر يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردىن ھەر قانداق بىرى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، دەرھال ئۆز-ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇش كېرەك، مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەپ، يېقىن ئەتراپتىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللار ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، پەقەت قۇرۇق يۆتەل بولۇپ ئىپادىلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە غىدىقلاش خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق يۆتەل بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا، «زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى، زىيادە سەزگۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغى، زىيادە سەزگۈر نەپەس سىقىلىش، ھەتتا زىققا» قاتارلىق كېسەللىك تارىخىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك. زىيادە سەزگۈر زىققا كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىماردا قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە يۆتىلىش، كۆكرەك سىقىلىش، نەپەس قىسىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېقىندىن بېرى بېيجىڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتىدۇ، ئەتىياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بەزى پەسىل زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بار بىمارلاردىمۇ دائىم يۇتقۇنچاق قىچىشىش، غىدىقلاش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتىلەش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس رەھىمسىز ھالدا يامراپ كېتىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، مۇداپىئە كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقزادە بولماي، تاراتقۇلار تەشۋىق قىلغان توغرا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئادەم زىچ سورۇنغا كىرىشتىن ساقلانسا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ