خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 47-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مۇنداق تەكلىپ بەردى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارار دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش تەكلىپى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىدۇ.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق ۋەكىللەر خىزمىتى پىلان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ