خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى تېلېفون قىلىپ جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم ھال سورىدى ۋە قوللىدى، بۇ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا سىزنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئاپىرىن ئوقۇيمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ