مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش قارار قىلىندى

2020.02.19 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  نۆۋەتتە دېھقانچىلىق مەزگىلى ساقلاپ تۇرمايدۇ، يەرلىكلەر تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشنى تۈرگە ئايرىپ ئىنچكىلەشتۈرۈپ، جەنۇبتىن شىمالغىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، قىشلىق زىرائەتلەرنىڭ ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، يەم-خەشەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى نۇقتا-نۇقتا بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان يېشىل يول بەرپا قىلىش كېرەك. بۇ يىل شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى مۇقىم بولدى، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. شارائىتى بار رايونلارنىڭ قوش پەسىللىك شالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلاردا زىيان چوڭراق بولغان باقمىچىلىق مەيدانلىرىدىكى ئائىلىلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، قەرز كېپىللىكىنى كەڭ قويۇۋېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش كېرەك. قۇشخانا كارخانىلىرى بىلەن باقمىچىلىق مەيدانىدىكى ئائىلىلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېزلىتىلىپ، باقمىچىلىق مەيدانىدىكى ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم ياردەم پۇلى دائىرىسى يىلىغا 5000 تۇياقتىن ئارتۇق بولۇشتىن 500 تۇياقتىن ئارتۇق بولۇشقا تەڭشىلىدۇ. توڭلىتىلغان چوشقا گۆشىنى دۆلەتنىڭ يىغىپ ساقلىشىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئېغىر كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كېسەل پەيدا قىلىشى يۇقىرى بولغان قۇش زۇكىمى، ئافرىقا چوشقا ۋاباسى قاتارلىق ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ