مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرىنىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.02.18 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەركەزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە- كونترول مېخانىزمىغا ئالاقىدار خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: جايلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈچەيتىپ، تارقىلىش يۇقىرى پەللىسىنى تۆۋەنلىتىپ، تارقىلىش سىجىللىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يامراپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ۋەزىيىتى پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالى مەركىزى يەنىلا ۋۇخەن شەھىرى ۋە خۇبېي ئۆلكىسى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى مۇرەككەپ. مەملىكەت بويىچە كۆپ ساندىكى جايلارنىڭ خىزمەت، ئىشلەپچقىرىش ۋە ئوقۇشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىدە قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ