خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 18- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زوران مىلانوۋىچقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كرودىيە زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كرودىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئىككى تەرەپ شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كرودىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلىتىگە نۆۋەت بىلەن تەيىنلىمەكتە. مەن جۇڭگو-كرودىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مىرانوۋىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ