مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.02.26 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز پۇل بېرىشىدىكى دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ھەمدە ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى قەرز پۇلىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش بېكىتىلدى؛ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پەسەيتىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 25-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز پۇل بېرىشىدىكى دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ھەمدە ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى قەرز پۇلىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش بېكىتىلدى؛ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پەسەيتىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  بىرىنچى، بۇ يىل ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋە خادىم قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەكتەپتىن كېچىكىپ ئايرىلىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، نوپۇسقا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش كېرەك. مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى نوپۇس ۋە ئارخىپنى ئىككى يىل ساقلاپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى زورايتىش كېرەك. ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېڭىدىن بىر تۈركۈم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك تۈرلەرنى يولغا قويۇش لازىم. چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش، ئىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش تۈرلىرىگە ئالدى بىلەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلپ قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ