مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

كېيىنكى قەدەملىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.03.03 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقۇم ۋەزىيىتىگە مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر-يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كۆيۈنۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىش ھالىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يەنىلا ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. خۇبېي ۋە ۋۇخەن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىلەردىكى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىش كېرەك. بېيجىڭ قاتارلىق نوپۇسنىڭ ئېقىشچانلىقى چوڭ شەھەرلەردىكى تەۋەلىك يەر، تارماق، ئورۇن، شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول، مەھەللە، پورتلارنى باشقۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كىرىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەملىكەتتىكى باشقا جايلار ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىنى تەڭشىشى ھەم ناھىيە رايونلىرىنىڭ پەرقلىق بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۆرۈر بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. تېز، قولايلىق تەكشۈرۈش رېئاكتىۋلىرىنى ئېچىش، ئاساسلىق دورىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىنىقى، ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ