مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

كېسەلدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.02.28 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپى ۋە مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئەۋزەل داۋالاش بايلىقلىرىىنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كېسەلدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، جۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېقىنقى مەزگىلدە ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان كېسەللەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. لېكىن، مەملىكەت بويىچە ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ بولماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسلىقى خۇبىي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرىدە، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشنى كۈچەيتىش نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ گەۋدىلىك مۇھىم نۇقتىسىدۇر. مەخسۇس لايىھە تۈزۈپ، داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىدىكى داۋالاش كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا ماس كەلمەسلىكتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىش ئورنىغا قويۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم پۈتۈن مەملىكەتتىكى "بەدەن سىرتىدىكى پەردە ئۆپكە ئوكسىگېنلاش ماشىنىسى" دېگەندەك بىر تۈركۈم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇرۇپ يۆتكەپ كېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئىمكانقەدەر ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە بولغان ئېھتىياجىنى داۋاملىق تۈردە ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شۇ جاينىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۆلكە سىرتىدىكى ئالاقىدار تاۋارلارنى تەڭشەشنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، خۇبېي بازىرىدا ئاشلىق، ياغ، گۆش، كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلارنىڭ مال مەنبەسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»لىق ئەشيا ئوبوروتىنى ياخشى ئىشلەشنى مەھەللىلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتۇپ، پىدائىيلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەر ۋە باشقا جايدا تۇرۇپ قالغان خۇبېيلىقلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ