مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن ئۆلكىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى

2020.02.24 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە جايلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، كۆپ جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى تەڭشىدى. كونكرېت تەڭشەش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :

  گەنسۇ 1- دەرىجىلىك سىگنالنى ئۆلكە دەرىجىلىك 3- دەرىجىلىككە تەڭشىدى

  گەنسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش-بىرلەشمە كونترول قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئېلان چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىگە ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇزاكىرە قىلىپ، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 14تىن باشلاپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى تەڭشەپ، ئەسلىدىكى 1- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىدىن ئۆلكىلىك 3- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىغا تەڭشەشنى قارار قىلغان.

  لياۋنىڭ 1- دەرىجىلىك سىگنالنى ئۆلكە دەرىجىلىك 3- دەرىجىلىككە تەڭشىدى

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلكىلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىگە ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 9 دىن باشلاپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 1- دەرىجىلىك سىگنالىدىن ئۆلكە دەرىجىلىك 3- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىغا تەڭشەشنى قارار قىلغان.

  گۈيجۇ 1- دەرىجىلىك سىگنالنى ئۆلكە دەرىجىلىك 3- دەرىجىلىككە تەڭشدى

  گۇيجۇ ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىگە ۋە گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى ئەسلىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك 1- دەرىجىلىك سىگنالىدىن ئۆلكە دەرىجىلىك 3- دەرىجىلىك سىگنالغا تەڭشەشنى قارار قىلغان.

  سەنشى 1- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىنى 2- دەرىجىلىككە تەڭشىدى

  سەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى ئەسلىدىكى 1- دەرىجىدىن 2- دەرىجىگە تەڭشەشنى قارار قىلدى.

  يۈننەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 1- دەرىجىلىك سىگنالىنى ئۆلكە دەرىجىلىك 3- دەرىجىلىككە تەڭشىدى

  يۈننەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، يۈننەن ئۆلكىلىك يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن يۇقۇملىنىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەمدە يۈننەن ئۆلكىلىك يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، يۈننەن ئۆلكىلىك يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىگنال دەرىجىسىنى ئەسلىدىكى 1- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىدىن ئۆلكە دەرىجىلىك 3- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىغا تەڭشەشنى قارار قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ