شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020.02.28 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-فېۋرال خەلق سارىيىدا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ باتتۇلگانىڭ موڭغۇلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان ئاق ئاي بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى كۈنى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەمدە موڭغۇلىيە خەلقىدىن بايراملىق ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قىممەتلىك قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى چەت ئەل باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ ھال سورىدى ۋە قوللىدى، بۇ، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشنىڭ جانلىق ئىپادىسى، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ