«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنى» قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك قانۇننىڭ يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىندى

2020.02.28 10:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنى» (2013) ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» (2018)دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك قانۇننىڭ يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى نۇسخىسى جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقلىرى تور بېكەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن تورغا ئېلان قىلىندۇ.

  يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىش ئۈچۈن، يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى كەسپىي تايانچلارنى تەشكىللەپ، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە، يىزۇچە ۋە جۇاڭزۇچە قاتارلىق يەتتە خىل تىلدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنى» (2013) ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» (2018)دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك قانۇننى تەرجىمە قىلىپ بېكىتتى.پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالاقە تورى پونكىتلىرى ئىچىدە پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەتتە خىل ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان تۇنجى تور بېكىتى بولۇش سۈپىتىدىكى خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقلىىرى نۇسخىسىنىڭ PC تېرمىنالى، كۆچمە تېرمىنالى تور بېتى ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك قانۇننى تورلارغا يوللاپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈپ چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  ئۇيغۇرچە: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنى» (2013)

  http://uyghur.people.com.cn/155989/15800444.html

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» (2018)

  http://uyghur.people.com.cn/155989/15800428.html
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ