مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ۋەكىلى: بەزى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز

2020.02.27 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ 26- چېسلا ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43- قېتىملىق يىغىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان بىر تەرەپلىمە كۆزقارىشى ۋە خاتا ھۆكۈمىنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە جۇڭگونى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

  چېن شۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغدىدى، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئۈچۈن تىرىشىپ مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەلەش مەركىزىدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تۈرىگە قاتناشقان كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈردى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، جەمئىيەتكە قايتىدىن سىڭىپ كىرىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  چېن شۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 1000دىن ئارتۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، خەلقئارا تەشكىلات ئەمەلدارى، تاراتقۇ مۇخبىرى ۋە دىنىي داھىيلىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭغا بارغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنىڭ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ زاتلارنى شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يەنە ب د ت نىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى باچېلېت خانىمنىڭ بۇ يىل جۇڭگونى، شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر ئالاقىدار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار توغرىسىدا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى بىلەن زىچ ئالاقە ساقلىماقتا.

  چېن شۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ھوقۇق دەپ بىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ھەم شۇنداقلا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، ئىناق ئۆتۈشتى. بۇ يىل جۇڭگو نامراتلىقنى مۇتلەق ھالدا تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ