شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش لازىم

2020.03.03 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ كېسەللىك بىلەن كۈچ سىنىشىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى دەل پەن-تېخنىكا، ئىنسانلارنىڭ چوڭ ئاپەت، چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئىلمىي تەرەققىيات ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پەن تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، كۆپ پەن كۈچىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىيلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  2-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، تەتقىقات يۇرتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كۆرگەزمە تاختىسى ۋە ئەمەلىي بۇيۇمغا بىرلەشتۈرۈپ ۋاكسىنا ۋە ئانتىتېلا تەتقىق قىلىپ ياساش، دورا تاللاش، ۋىرۇسنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش مېخانىزمى تەتقىقاتى، تېز تەكشۈرۈش رېئاكتىپى تەتقىقاتى ۋە قوللىنىش قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئەسۋاب سىناش بىناسىدا، شى جىنپىڭ ئېغىر يۇقۇمنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش دورىلىرى تەتقىقات ئىشخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇمنى يېڭىشتە مۇھىمى پەن-تېخنىكىغا تايىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر-يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مىنۇت-سىكۇنتنى قولدىن بەرمەي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش پەن تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇشتەك سىياسىي ئىستىلىنى ۋە قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، زەربىدارلار ئەترىتى ۋە ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا، دورا، سىناق رېئاكتىپىنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، يۇقۇمغا زەربە بېرىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. يۇقۇم ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش، دىياگنوز قويغىلى بولۇش، ئالدىنى ئالغىلى بولۇش، داۋالىغىلى بولۇش، كونترول قىلغىلى بولۇش جەھەتتە بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ قاتتىق جەڭنى قىلىش ئارقىلىق مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق پەن- تېخنىكىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ قاتتىق يادرولۇق مەھسۇلاتلارنى چىقىرىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ