مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.03.04 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ قاتناش- تىرانسپورت، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى؛ يەرلىك مالىيەنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-مارت گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ قاتناش- تىرانسپورت، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى؛ يەرلىك مالىيەنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئاشۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىگە بولغان تەسىرىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ