مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.03.05 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 4-مارت يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تەتقىق قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەت تەرتىپىنى تېز ئورنىتىپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك نورمال يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر، باشقا رايونلاردىكى خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ- خەتىرى زورايماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتە چوقۇم باشتىن ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇش، يۇقۇمغا بولغان ھوشيارلىقىنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەلىپىنى تۆۋەنلەتمەسلىك، داۋاملىق چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى دەل جايىدا، تەرتىپلىك، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم، مال-مۈلۈكنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، ئىچكى-تاشقى سودىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ