مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بارلىق كاپالەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.03.06 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەل جايىدا ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملار، بولۇپمۇ بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بولغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، رايونلارغا ئايرىش ۋە دەرىجىگە ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋۇخەن ۋە خۇبېينى داۋاملىق تۈردە مۇھىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى سۈپىتىدىكى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ، كېسەلدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى، ھەمدە بىر كېسەللىك بايقالسا دەرھال شۇ بىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋاقتىدا ئاشكارىلاش، ھەقىقىي ئۇچۇر ئېلان قىلىش، يوشۇرۇشقا ۋە چالا مەلۇم قىلىشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، دېيىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى بېيجىڭ قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا مەھەللىلەر، يوللار ۋە ئۆتكەللەرنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى چىڭىتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەيدانلىرى، ماددىي ئەشيالار ۋە خادىملار دېگەندەك جەھەتلەردىكى تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر توپىدىن ئۆزئارا يۇقۇملىنىش ۋە سىرتتىن ئېقىپ كىرىشتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش تېخنىكىسى ھەمدە دورا ۋاكسىنىسى تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ