مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھوشيار بولۇڭ! بۇ خىل ئىستىلنى چوقۇم توسۇش كېرەك !

2020.03.04 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنكاڭ شەھىرىدىكى مەركىزىي دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇشنىڭ 1- سېپىدىكى خادىملارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇئىش كەڭ كۆلەمدە گۇمان پەيدا قىلدى. ئېلان قىلىنغان تولۇقلىمىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا قاتناشقان 1- سەپتىكى نۇرغۇن تېببىي خادىملار ئېرىشكەن تولۇقلىما ئىنتايىن ئاز، ئەمما بىر قىسىم دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ۋە مەمۇرىي خادىملارنىڭ بولسا 1- سەپتىكى دوختۇرلاردىنمۇ كۆپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا خۇبېي 1- سېپىگە ياردەمگە بارغان تېببىي خادىملاردىنمۇ كۆپ بولغان. 3- چېسلا، ئەنكاڭ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىدا 1- سەپتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىغا بېرىلىدىغان خىزمەت تولۇقلىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆلچىمىنى توغرا ئىگىلىمەسلىك ۋە تەكشۈرۈش قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، قايتىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە بولغان قاتتىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەنكاڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.

  ھازىر بۇ بىر قېتىملىق بىمەنە «قوشۇمچە تولۇقلىما ۋەقەسى» ۋاقتىدا توختىتىلىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىدى. لېكىن بۇنداق ناتوغرا ئىستىلغا يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدۇ، بۇنداق ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزەش كېرەك! دوختۇرخانىنىڭ «يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش خادىملىرىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما» جاپا-مۇشەققەتتىن باش تارتمايدىغان، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1- سېپىدە چىڭ تۇرىدىغان تېببىي خادىملارغا بېرىلگەن بولۇپ، ھەممە ئادەم بىر چىشلەم يەيدىغان «گۆش» ئەمەس.

  يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1- سېپىدىكى تېببىي خادىملار يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى تايانچ كۈچ بولۇپ، ئۇلارنى قوغداش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش ئۈچۈن، مەركەزدىن يەرلىككىچە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇپ، 1- سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشى كېرەك، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىغا ئوخشاش «توغرا ئىگىلىمەسلىك، قاتتىق تەكشۈرمەسلىك»تەك ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ