مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كىرىشى ۋە چىقىشىدىن ساقلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش داۋامىدا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش تەكىتلەندى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.03.10 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنىڭ يەنىمۇ ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى كونترول قىلىندى، بۇ ئاسان قولغا كەلمىدى، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ. ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، رايونلارغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تېز تارقىلىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس ئالدىدا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرىش- چىقىشتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، بۇ تەرتىپلىك، بىخەتەر بولغان خەلقئارالىق خادىملار يۆتكىلىشىگە پايدىلىق. ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرادىن كىرىش- چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوغا كەلگەنلەرنىڭ چېگرادىن چىققان دۆلەتتە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايروپىلانلارنى پاكىز دېزىنفېكسىيەلەش، ئايروپىلان خادىملىرىنى قوغداش، ساغلاملىقنى مەلۇم قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇش جەريانىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، رايونلارغا بۆلۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، كىرىش خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. چېگرادىن كىرگەن-چىققان خادىملارغا قارىتا پورتلاردا سەھىيە كارانتىن قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قاتتىق تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەھىيە كارانتىن تارماقلىرى ھۆكۈم قىلغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، گۇمانىي بىمارلار، قويۇق ئۇچراشقانلار قاتارلىق چېگرادىن كىرگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش، يۆتكەش، داۋالاش، ئايرىش، كۆزىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە ئىنسانىي غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەر مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش ياكى ئازايتىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى پۇقرالىرىغا بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بېيجىڭ قاتارلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان پورتلاردا چېگرادىن كىرىش-چىقىشتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئەتراپلىق يولغا قويۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ