مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئەتىرگۈلى»گە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز

2020.03.09 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1- سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئايال تېبىي خادىملارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، بۇ ئايال قەھرىمانلارغا ئالقىشلارنى ياڭراتتى. بۇ ئالاھىدە باھاردا، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتقان مىليونلىغان ئايال قېرىنداشلار خۇددى مۇستەھكەم ھالدا ئېچىلىپ تۇرغان تال-تال ئەتىرگۈللەرگە ئوخشاش، بوران-چاپقۇنلاردا خۇش پۇراق چېچىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈردى.

  ئۇلار بولسا، يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشتا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جەڭچىلەردۇر. مۇشۇ خەتەرلىك پەيتتە، ئۇلار قاش ۋە كىرپىك قاقماي، شامالغا قارشى مېڭىپ، كېسەل بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتىدۇ. نەچچە يۈز مىڭلىغان ئايال تىببى خادىم خۇبېىيدا كۆرەش قىلىۋاتقاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن جايلاردىكى پەرۋىش ئەترىتىدىكىلەر ئىچىدىكى ئايال سېستىرالارنىڭ نىسبىتى %90تىن ئاشتى. مەھەللىلەر، كوچىلار، يېزا-كەنتلەر ۋە كارخانىلاردىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىشلىرى كەم بولمىدى. ئۇلار ئىش ئورنىنى ئائىلە دەپ بىلىپ، ئىش ئورنىدا كېچە-كۈندۈز چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، كەسىپنى قەدىرلەش روھى ۋە تەقدىم قىلىش روھى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتماقتا.

  ئۇلار ئوماق قىزلار، مۇلايىم ئاياللار ۋە مېھرىبان ئانىلاردۇر. خىزمەت جەريانىدا، ئۇلار چىرايىدىن ھەمىشە كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان، ئەمما قەيسەرلىك كۆرسەتكەنلەردۇر؛ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە بولسا، ئۇلارمۇ مۇلايىملىشىدۇ، ھەتتا ئۆيىدىكىكەردىن كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇپ سۈرتۈۋېتىپ چاندۇرمايدۇ. ئۇلار «كىچىك ئائىلىسى»گە كۆڭۈل بۆلىدىغان، «چوڭ ئائىلىسى»نى قىزغىن سۆيىدىغانلاردۇر. دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇلار مانا مۇشۇنداق كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى تېشىپ ئۆتىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

  بىر ناخشىدا مۇنداق ئېيتىلغان: مەن سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن سىزنىڭ كىم ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن. مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن «يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئەتىرگۈللىرى» خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىللىقلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش سەپلىرىدە جاراڭلىق پورەكلەپ ئېچىلدى. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ماسكىلار پېتىپ كېتىپ ھاسىل بولغان چوڭقۇر ئېزلار قالدى، ھېرىپ كېتىپ چىرايلىرى ياداڭغۇ بولۇپ كەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، ئۇلار يەنىلا قەلبىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆھپىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەزىلىتى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدۇ. كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلىگەندىلا، ئايال قەھرىمانلارغا ئەڭ ياخشى ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ «بېسىمى چوڭ»، شۇڭا، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۇلارغا قاراتمىلىقى بولغان پىسخىكىلىق راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىنسانىي غەمخورلۇقنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا، «يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئەتىرگۈللىرى»نى چوقۇم مۇلايىم دىللار بىلەن ئوبدان كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۇ ئىشتا ھەممىمىز ھەمراھ بولۇشۇپ ئورتاق تىرىشساق، ئالدىراپ-تېنەپ قالماي، يەنە ئازراق ۋاقىت تەخىر قىلساق، ئۇ ئەتىگۈللەرنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن ياخشى ھوزۇرلىنالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ