مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1- سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان ۋە ھەر قايسى سەپلەردىكى كەڭ ئايال قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ۋە ھەر ساھە ئايال قېرىنداشلاردىن بايراملىق ھال سورايمىز

2020.03.09 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1- سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئايال قېرىنداشلار ۋە باشقا ھەر قايسى سەپلەردىكى ئايال قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئايال قېرىنداشلاردىن بايراملىق ھال سورىدى !

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كەڭ ئايال تېببىي خادىملار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، كېچە-كۈندۈزلەپ جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1- سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ئامال ۋە ئاغرىققا سەۋەب قىلىپ، دوختۇرلارنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خادىملىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار دېگەندەك كىشىلەر ئىچىدىكى ئايال قېرىنداشلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئىلمىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەپ، سىجىل ھالدا ساغلام سېلىنما ئارقىلىق يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ