شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.03.09 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 6- كۈنى بېيجىڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزا نامرات ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ــ بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىدۇر. ئۇنى چوقۇم ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، قانچە ئاخىرىغا بارغانچە بۇ جەڭنىڭ كېرىچىنى شۇنچە چىڭىتىشققا توغرا كېلىدۇ، توختىتىپ قويۇشقا، بىخۇدلۇق قىلىشقا، بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنى بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېچىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر يىغىندۇر. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قەلىبنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ