مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆيدە تۇرىدىغانلار يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشى كېرەك؟

2020.03.10 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆيدە تۇرغاندا ئەمەل قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار:

  بىرىنچى، دېرىزىنى پات-پات ئېچىپ، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم

  ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 مىنۇتتىن كەم بولماسلىق، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، پاكىزلىقنى ساقلاش لازىم

  1. ئۆي جاھازلىرىنىڭ يۈزىنى پاكىز ساقلاش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا ئىسپىرت ياكى خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى قاتارلىقلار بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ياكى بىۋاسىتە دېزىنفېكسىيە ھۆل لۆڭگىسى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

  2. دائىم قول يۇيۇش لازىم

  سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، يۆتەلگەن، چۈشكۈرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا قول يۇيۇش كېرەك. قول يۇيغاندا قول يۇيۇشتىكى تۆت ئامىلغا دىققەت قىلىپ، يەتتە قەدەملىك قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

  3. سىرتقا چىققاندا كىيگەن كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك

  سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سىرتقى كىيىمدە روشەن كىر بولمىسا، شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا ئاپتاپقا سېلىشقا بولىدۇ، ئەگەر دائىم كۆرۈلىدىغان كىر بولسا، ئادەتتىكى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئادەتتىكىچە يۇيۇشقا بولىدۇ، ئەگەر گۇمانلىق كىر كۆرۈلسە، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ ياكى قاينىتىپ يۇيۇش كېرەك.

  4. ئېغىز، بۇرۇندىكى ئاجراتمىلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش لازىم

  ئائىلىدىكىلەر يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە، قەغەز بىلەن ئېغىز- بۇرنىنى ئېتىۋېلىش، ئىشلەتكەن قەغەز قاتارلىق ئەخلەتلەرنى ئەخلەت خالتىسىغا سېلىش ھەمدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش لازىم

  يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، ۋىتامىن ۋە تالا تولۇقلاش لازىم. بېلىق، گۆش، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. تاماكا تاشلاپ ھاراققا چەك قويۇش، مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك سۇ ئىچىش، ھەر كۈنى 1500 مىللىلېتىردىن كەم بولماسلىق، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش لازىم

  سىرتقا چىقىشنى ئازايتىش، سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلگەندە ماسكا تاقاش كېرەك. بولۇپمۇ ئادەم زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا، مەسىلەن، تاللا بازىرى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى قاتارلىقلارغا بارغاندا چوقۇم ماسكىنى توغرا تاقاش كېرەك.

  بەشىنچى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش لازىم

  ئۆي ئىچىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئۆي ئىچىگە ماس كېلىدىغان بەدەن پائالىيەتلىرىنى قىلىش كېرەك، مەسىلەن، يوگا، تەيجى گۇمپىسى، سەككىز بۆلەكلىك كىمخاب، تەكشى تاختىلىق تىرەك قاتارلىقلار؛ ئەگەر شارائىت يار بەرسە يەنە تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن، گانتېل كۆتۈرۈش، ئېلاستىك تاسما تارتىش قاتارلىقلار.

  ئالتىنچى، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك

  1. يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىغا توغرا قاراش لازىم: دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ئېرىشىش، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق، ئالاقزەدە بولماسلىق لازىم.

  2. ئۆيدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىتاب كۆرۈش، ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆڭۈل سۆزلىرىنى دېيىشىش، تېلېفون ياكى سىن ئارقىلىق دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق دىققىتىنى چېچىپ، كەيپىياتىنى ئازادە تۇتقىلى بولىدۇ.

  يەتتىنچى، ئەگەر ئۆيدە ھامىلىدار ئايال ياكى ياشانغان كىشى بار بولسا، يەنە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  1. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قانۇنىيەتلىك دورا يېيىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  2. لۆڭگە، مۇنچا لۆڭگىسى، تاماق سايمانلىرى، ياتاق سايمانلىرى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئايرىم ئىشلىتىش، ئارىلاشما يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  3. نورمال يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش، سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلىنىش ھەم ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، زىيادە تويۇنۇشتىن ساقلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك.

  4. يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش، كۆپرەك چېنىقىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ